مەكتەپ مۇدىرى ھەققىدە


مۇدىرىمىز ئابلەت
مىجىت كۇچا ناھىيىسىدىن بولۇپ ، كىيىم - كېچەككە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىغا
ئاساسەن 13 يېشىدىن باشلاپ كەسىپ ئۆگىنىشكە كىرىشكەن . 2003- يىلى توك بولسىمۇ ،
بولمىسىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان دەزمال كەشىپ قىلىپ دۆلەتنىڭ پاتنىت ھوقۇقىغا
ئېرىشكەن . ئۇ يەنە 2004 - يىلى شاڭخەي دوڭخۇئا ئۇنۋېرستېتىنىڭ كومپيۇتېردا كىيىم -
كېچەك لايىھىلەش كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن . 2006 - يىلى << ھازىرقى
زامان ئۇيغۇر كىيىم - كېچەكلىرىدىن ئۆرنەكلەر >> دېگەن كىتابنى بازارغا سېلىپ
كەسىپداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن . 2007 - يىلى 7.5 مېتىر كېلىدىغان دۇنيا
بويىچە ئەڭ ئېگىز ئەتلەس توي كۆينىكىنى لايىھىلەپ تىكىپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن . 2008 - يىلى 50 كىلوگرام سۇدا
10 خىل زىرائەت ئۆستۈرىدىغان بىر خىل ئەسۋابنى كەشىپ قىلىپ دۆلەتنىڭ پاتنىت
ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . شۇنداقلا شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ كومپيۇتېردا كىيىم لايىھىلەش
مەكتىپىنى ئاچقان .
…مۇدىرغا خەت قالدۇرۇش
|